باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى:

ئەمەلىي ئىقتىساد سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ

2018.06.22 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يېڭى كەسپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسپ ھالىتى بىر قەدەر تېز ئاشتى، كارخانىلارنىڭ تىجارەت سۈپىتى، ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلاندى، مۇھىم ئامىللار كاپالىتى سىلىق، تەرتىپلىك بولدى، تەمىنلەش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىرون قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تىرەكلىك رولى گەۋدىلەندى. 1- ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 كۆپ بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى بولتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت، 1-پەسىلدىكىدىن 0.1پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىرون ساھەسىنىڭ قۇشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ۋە %12.8 ئېشىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ جەمئىي 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەت پايدىسى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، تىجارەت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %22.7 لىك ئېشىش ئاساسىدا ئىككى خانىلىق ئېشىشنى داۋاملىق ساقلىدى. كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى سەل ئاشتى، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپى كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى %6.24 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن0.24 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا كارخانىلارنىڭ مۈلۈك- قەرز نىسبىتى %56.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

  قۇرۇلمىنى تەڭشەش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپلەر تېز راۋاجلاندى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكا كەسپلىرى، ئۈسكۈنە- جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قۇشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ۋە %9.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭكىدىن 5.1 ۋە 2.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7، ئۈسكۈنە- جابدۇق ياسىمىچىلىقى سېلىنمىسى %8.2 ئېشىپ، بارلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 4.5 پىرسەنت پوئېنت ۋە 3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاش سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.6 ئېشىپ، ياسىمىچىلىق سېلىنىمىسى نىسبىتىدە %45.4 ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85.8 كۆپىيىپ، سانائەت ماشىنا ئادىمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %33.7، ئېلېكتىر ئىستانسسىغا ئىشلىتىدىغان پار توربېنسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %25.5، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %23.2، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %20.9 ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر