باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسى سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلىغىنى تولۇق چۈشۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش، تېمىتىپ سۇغىرىشنى نۇقتىلىق قوللىدى

2018.06.25 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن سۇچىلىق تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغى خامچوتىنى چۈشۈردى، بۇنىڭغا 2017-يىلى 10-ئايدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن 60 مىليارد 575 مىليون يۈەننى قوشقاندا، 2018-يىلى يەرلىكنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 66 مىليارد 75 مىليون يۈەن خامچوت ياردەم مەبلىغىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلدى.

  «يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەز بېكىتكەن نۇقتىلىق ۋەزىپە مەبلىغى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى «مەخسۇس چوڭ تۈر+ۋەزىپە تىزىملىكى» شەكلىنى قوللىنىپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلىغىنى ئامىل ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلاپ ئۆلكىلەرگە چۈشۈرىدۇ، يەرلىكلەر ۋەزىپە تىزىملىكىگە ئاساسەن، سۇچىلىققا ئالاقىدار قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئاپەتتىن كېيىنكى سۇچىلىقنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.مالىيە مىنىستىرلىقى جايلاردىن سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، ئۈنۈم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت ئىجراسىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر