ئالتۇن قۇم ساھىلى مەنزىرە رايونىدىكى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى نەق مەيدانى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، مودېل مۇسابىقىسى، ئېسىل تائاملار مۇسابىقىسى... 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، تاڭزۇڭزا چاغىنى كېلىش ئالدىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «12-نۆۋەتلىك <ئالتۇن قۇم ساھىلى لوڭقىسى> تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى» خوشۇت ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلى ئالتۇن قۇم ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىنى 15 مىڭدەك تاماشىبىن كۆردى.
6-ئايدىكى خوشۇتنىڭ ئاسمىنى كۆپكۆك، سۈيى سۈپسۈزۈك ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلار ئالتۇن قۇم ساھىلىنى بويلىغان بىر كىلومېتر دائىرىگە يېيىلغان بولۇپ، ئادەم ئىنتايىن كۆپ ئىدى. رېپىرنىڭ پۇشتىكى چېلىنىشى بىلەن، ھەر قايسى ناھىيە، يېزا-بازار، مەيدانلاردىن كەلگەن 16 كوماندا كەسكىن رىقابەتنى باشلىدى، جىددىي رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، 18-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نامزاتلىقىنى تالاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى