19- ئىيۇن، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر مېھمانخانىدا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 19- ئىيۇن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش كۆپىيىپ كەتمەكتە، ۋەزىيەت باغانسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، پائال تۈردە ئۈنۈملۈك بولغان مۇرەسسە خىزمىتى ئارقىلىق توقۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى