باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ھالاكەت دېڭىزى»دە سوزۇلۇپ ياتقان تاشيول

2018.06.14 15:51   مەنبە: خەلق تورى

«ھالاكەت دېڭىزى»دە سوزۇلۇپ ياتقان تاشيول

  ئاپتوموبىل 1-قۇملۇق تاشيولىدا كېتىۋاتماقتا (6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق. 1995- يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى تۇنجى تاشيولدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. بۇ، دۇنيا بويىچە كۆچمە قۇمنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول بولۇپ، بۇ تاشيول شىمالدا غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان جەنۇبىي بۈگۈردىن باشلىنىپ، جەنۇبتا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىگە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 522 كىلومېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت، گاز بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىشتىكى قاتناش جان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ.

  2008-يىلى، شىنجاڭدىكى 2– قۇملۇق تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، 424 كىلومېتىرلىق تاشيول تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالدا ئارال شەھىرىدىن باشلىنىپ، خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىپ، قۇملۇقنىڭ غەربىي شىمال چېتىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە غەربىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنى تۇتاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، قۇملۇق ئىچىدىكى ئىككى پاراللېل بولغان تاشيول تەكلىماكاننى ئۈچكە بۆلۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشيولدىكى ئارىلىقىنى 500 نەچچە كىلومېتىر قىسقارتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تىرانسپورت ئالاقىسىدىكى قولايلىق يولى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر