باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ داۋالانغانلارنىڭ سانى 69 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر، 5801 ئادەم قېتىمنىڭ 11 مىليون 568 مىڭ 200 يۈەن پۇلى ئاتچوت قىلىندى

2018.06.13 08:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك باشقا جايدا داۋالىنىش سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا بېرىپ داۋالانغانلارنىڭ سانى 69 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇزاق مۇددەت ئىچكى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەت بىلەن تۇرۇپ قالغانلار، باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار، يۆتكەپ داۋالىتىشقا بولىدىغان سۇغۇرتا ئەزالىرىمۇ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  باشقا جايدا داۋالىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ، شەھەر ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئاساسىدا، سىستېمىنى تورلاشتۇرۇش، داۋالانغۇچىلارنى ئەنگە ئېلىش، كارتا بويىچە راسچوت قىلىش، فوند كىرىم-چىقىم قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق ھالدا داۋاملىق ياخشىلايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنى دوختۇرخانا يۆتكەپ داۋالىتىش رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنى يۆتكەپ داۋالىتىش رەسمىيىتىنى دوختۇرخانىدا بىرلا ۋاقىتتا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇچۇر تور مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردىمى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى دوختۇرخانىدىلا «بىر تالون شەكلى»دە راسچوت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن جەمئىي 9354 بار بولۇپ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر، شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلاردىن جەمئىي 5801 ئادەم قېتىمنىڭ داۋالىنىش ھەققى راسچوت قىلىنغان، خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 11 مىليون 568 مىڭ 200 يۈەن بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەردىن داۋالىنىشقا كەلگەنلەردىن 436 ئادەم-قېتىم داۋالىنىش ھەققى راسچوت قىلىنغان، خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليون 181 مىڭ 400 يۈەن بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسى ئىچىدە رايون ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىشتا، ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە جەمئىي 1 مىليون 113 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا، راسچوت قىلىنغان خىراجەت ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، باشقا جايدا داۋالىنىش ئېھتىياجى بار سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار چوقۇم ئالدى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشى، دوختۇرخانىدا ياتقاندا چوقۇم ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك. بۇ، باشقا جايدا داۋالىنىش، راسچوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. يۆتكەپ داۋالىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى بىمارلار يۆتكەپ داۋالىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ھەمدە يۆتكەپ داۋالاش ئۇچۇرىنى سىستېمىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى بىمارلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتقا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ھاجەتسىز. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يۆتكەپ داۋالىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق دوختۇرخانىغا كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىشى ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ھېسابىنى بوغۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر