باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى جەمئىيىتى» تەيبېي ئىش باشقارمىسىنىڭ يېڭى ئورنى پۈتكەنلىكىگە قارىتا ئامېرىكىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى

2018.06.13 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى جەمئىيىتى» تەيبېي ئىش باشقارمىسى يېڭى ئورنىنىڭ پۈتۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 12-ئىيۇن، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 6- ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى جەمئىيىتى» تەيبېي ئىش باشقارمىسى يېڭى ئورنىنىڭ پۈتۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رويىس قاتارلىقلار قاتناشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ: «بىز ئالاقىدار خەۋەرگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز ھەمدە ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردۇق»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەر قانداق باھانە بىلەن تەيۋەندىكى پائالىيەتكە ئەمەلدار ئەۋەتىشىنىڭ ھەممىسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشتۇر.

  گېڭ شۇاڭ: «بىز ئامېرىكا تەرەپنى تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگوغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خاتا ئۇسۇللىرىنى تۈزىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر