باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.06.11 15:51   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىنىڭ كىچىك دائىرىلىك سۆھبىتى 10-ئىيۇن چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مېرزىيويېۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن ئاشقاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كەينى-كەينىدىن يىغىن مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم ئۇلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىنچ-ئامانلىق سورىدى، ئارقىدىن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا مۇھىم تەسىرى بار ئۇنىۋېرسال رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندى. ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىختىكى يېڭى باشلىنىش پەللىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز ئېسىل ئەنئەنىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. بىز ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتىش ئېلىپ كەلگەن يوشۇرۇن كۈچ ۋە پۇرسەتنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش. بىز ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىز كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش، بازارنى بىرىكتۈرۈش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىنى چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپلەر رايونى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ زور تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىشىمىز كېرەك. سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلىكتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دۇنياۋى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ئىجابىي تەسىرنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش. بىز ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل-ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلاشقان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئۇيغۇنلاشقان تەشكىلات. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر