باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆزى قىلدى

2018.06.11 15:25   مەنبە: خەلق تورى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  «شاڭخەي روھى»نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنى 10-ئىيۇن چىڭداۋ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، مەزكۇر تەشكىلات تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ۋەزىپىسى، ئىستىقبالى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مەيدانى توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  6–ئايدىكى چىڭداۋ سۈرەت كەبى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ سىرتىدا كۆپكۆك دېڭىز، سۈپسۈزۈك ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇراتتى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىن بايرىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرى مەيىن شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا يىغىن رەسمىي باشلاندى.

  شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ئالدى بىلەن، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە يېقىندىن ماسلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى باشلىقلار يىغىنى ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، پاكىستان زۇڭتۇڭى ھۈسەيىننىڭ تۇنجى قېتىم ئەزا دۆلەت رەھبىرى سالاھىيىتى بىلەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن «<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى قوللانما قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىقتەك ئىجابىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدۇق. بۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئېچىپ بېرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئۇ، «شاڭخەي روھى»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشنى تەشەببۇس قىلدى. ھازىرقى دۇنيادا، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئايلاندى، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز «شاڭخەي روھى»نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، يۈرۈشتۈرۈلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئورتاق مەسلىھەتلىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى يېشىپ، خەۋپ ۋە خىرىسنى پەسەيتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر