باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى پاش قىلىش، ئەرز قىلىش سۇپىسى» خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى

2018.06.12 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە «توردا ھەممىنى بېجىرىش» ۋە كارخانىلار، ئامما ئىش بېجىرگەندە «بىر ئىشىكتىن كىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدا بېجىرىش» نى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەش، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، كارخانىلار ۋە ئامما ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، 11-ئىيۇندىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى جۇڭگو ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى پاش قىلىش، ئەرز قىلىش سۇپىسى» خەت ساندۇقى (liyuan.www/gov.cn/zwfwjbts/) تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كارخانىلاردىن قالايمىقان ھەق ئېلىشقا چېتىلىدىغان، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى «توردا ھەممىنى بېجىرىش»، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشى قولايسىز بولۇش ۋە باشقا ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى دەل جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە قىلغان ئەرزىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدۇ.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، سەۋەبىنى ئېنىقلىشى ۋە ئۆزگەرتىپ ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە دائىر سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىدۇ. ساقلانغان خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىق قىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا قانۇن-نىزاملار بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر