باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ھەرىكەت قوللانمىسى تۇنجى ئېلان قىلىندى

ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك دالا پائالىيىتى ئىككى سائەتكە يېتىشى كېرەك

2018.06.12 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە پەنلىرى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ تۈزگەن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى «ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار (ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە) ھەرىكەت قوللانمىسى (مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشى نۇسخىسى)» 9-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. بۇ قوللانمىنىڭ ئوبيېكتى ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ساغلام بالىلار بولۇپ، ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ھەرىكەت يېتەكچى پىرىنسىپى ۋە كونكرېت تەۋسىيە مىقدارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «قوللانما»دا «ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەرىكىتى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، خۇشال ئويۇنلارنى ئاساسىي شەكىل قىلىش كېرەك»، «پۈتۈن كۈن ئىچىدىكى ھەر خىل تىپتىكى بەدەننىڭ ھەرىكەت ۋاقتى جەمئىي 180 مىنۇتقا يېتىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سىجىللىقتىكى جىسمانىي پائالىيەت 60 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك»لىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «قوللانما»دا يەنە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ «ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 120 مىنۇتلۇق دالا پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر