باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم جۇڭئون سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى

2018.06.11 15:58   مەنبە: خەلق تورى

كىم جۇڭئون سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىنگاپور دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېي ۋېن 10-ئىيۇن شەخسلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا: چاۋشيەننىڭ دۆلەت باشلىقى كىم جۇڭئون سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى، دېدى.

  كىم جۇڭئون بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سېنتوسا ئارىلىدىكى جياپېيلې مېھمانخانىسىدا كۆرۈشىدۇ. بۇ، تارىختىن بۇيان چاۋشيەن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ قالىدۇ.

  سىنگاپور دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا ئېيتىلىشىچە، كىم جۇڭئون يېتىپ بارغان شۇ كۈنى سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

  5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا، ئۆزى بىلەن كىم جۇڭئوننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 24-كۈنى، ئاق ساراي ترامپنىڭ كىم جۇڭئونغا يازغان بىر پارچە ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان، ترامپ خەتتە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. لېكىن مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، ترامپ يەنە ئۇچرىشىشنىڭ ئۆز قەرەلىدە 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر