باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

2018.06.12 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «يېتەكچى پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ خىزمەت 2016-يىلىنىڭ بېشىدا قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، تەشكىلىي رەھبەرلىك، سىياسەت، تۈزۈم، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلەشمە ھەرىكىتى، ئەدلىيە كاپالىتى قاتارلىق سىستېمىلار تەدرىجىي بەرپا قىلىنپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۈرلەرنى ئېنىقلاپ توختىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇقىم بولۇپ، ھەربىي قىسىم بىلەن جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. ھازىر ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتى ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەربىي قىسىمدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ۋەزىپە، دۆلەت ۋەزىپىسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر