خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان تورىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق ھۆكۈمەت پەرمانىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى (شەنبە) روزا ھېيت بولىدىغان بولۇپ، بىر كۈن قويۇپ بېرىلىدىكەن. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە) تاڭزۇڭزا چاغىنى بولۇپ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يوللىغان (2017) 12-نومۇرلۇق «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018-يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە، بىر كۈن قويۇپ بېرىلىدىكەن. 2018-يىللىق روزى ھېيت ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش قوشۇۋېتىلىدىغان بولۇپ، كونكرېت دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە)دىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي تۆت كۈن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە : 6- ئاينىڭ 15 – كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇش بويىچە دەم ئېلىنىدىكەن، 16-ئىيۇن (شەنبە) ۋە 17-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال ئارام كۈنى بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى