باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2018.06.12 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، شۇڭا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، شەھەر-ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ 1-قول رەھبەرلىرى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بارلىق سەرخىل كۈچنى جەڭگە قاتناشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە نامرتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى ۋە قارىسىغا ئىش قىلماسلىقى، پاسسىپلىق قىلىپ ئىشنى ئاقساتماسلىقى، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، چەكنى يۇقىرىلاتماي، قىزىق نۇقتا ۋە نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر كەنت، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشتەك بىرلەشمە ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر