باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا چېتىشلىق بولغان زور جىنايەت دېلوسىنى سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەن ئون كىشىگە قارىتا ئاشكارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

2018.06.12 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 11- ئىيۇن A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا چېتىشلىق بولغان زور جىنايەت دېلوسىنى سادىر قىلىپ قېچىپ يۈرگەن 3- تۈركۈمدىكى 10 كىشىگە ئاشكارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە ھازىر قېچىپ يۈرگەن ئۇ 10 كىشى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ليۇ باڭچياڭ، شۈ داۋيىن، جاڭ خېڭ، ۋۇ گۇاڭچېڭ، فەن داڭخۇي، ما ۋېيگو، فاڭ گولى، گۇەن جىنگاڭ، ۋاڭ جيەنتاۋ ۋە خەن ۋەنلى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇ 10 كىشى ھەققىدە رازۋېتكا خادىملىرىنى ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە كورلىغان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ ساتقان دېگەندەك جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى پاش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا 110 ئارقىلىق ساقچىغا تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلىش كېرەك. ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر