خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا ئارمىيە پاراشوتچىلار قىسىمى تۇنجى قېتىملىق پاراشوتلۇق ماشىنىلاشقان پىيادىلەر باتالىيونىنىڭ تولۇق ئامىللىق ھاۋا- يەر يۈزىدىكى ئۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش راست ئەسكەر- راست ئوق مانېۋىرى يېقىندا شىمالىي خۇبېيدىكى مەلۇم جايدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىردا «شارائىتى نامەلۇم، تۈرتكە بولۇش، يېتىپ بېرىپلا ئۇرۇش قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، خادىملار يىغىلىش، يىراق مۇساپىلىق يۆتكىلىش، ماددىي ئەشيالارنى ئايروپىلاندىن تاشلاش، ئەسكەرلەرنى پاراشوت بىلەن تاشلاش، مۇھىم نۇقتىنى تالىشىش- كونترول قىلىش قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق پاراشوت بىلەن چۈشۈپ ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، پاراشوتلۇق ماشىنىلاشقان پىيادىلەر باتالىيونىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك سىنالدى ۋە تاۋلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى