باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن

2018.06.11 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەل كۆرسىتىش ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارنىڭ باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىدى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە دورا تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. يېقىندا، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇڭجى تېببىي ئىنستىتۇتى باش بولۇپ تۈزگەن «جۇڭگونىڭ داۋالاش سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى 2017- يىللىق دوكلاتى» ۋۇخەندە ئېلان قىلىندى .

  «دوكلات»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، 2015- يىلى ئېلىمىزنىڭ ئامبۇلاتورىيە ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارنىڭ باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش نىسبىتى 2010 - يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10 ۋە %28.2 تۆۋەنلەپ، باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش پەيدىنپەي مۇۋاپىقلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. تۇڭجى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى فاڭ پېڭچيەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە داۋالاش ئاپپاراتى باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى زىيادە ئىشلىتىش ئەخۋالى تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى دورا بىلەن داۋالاش ئارزۇسى بىر قەدەر يۇقىرى بولماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆزى دورا دۇكىنىغا بېرىپ باكتېرىيەگە قارشى دورا سېتىۋالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر