- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئافغانىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
2018.06.11 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 10- ئىيۇن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىنى ۋە بالدۇرراق تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىنى ئۈمىد قىلدۇ.
مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 7- ئىيۇن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبانلار بىلەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئىيۇن، تالىبان تەرەپ سىرتقا قارىتا ئافغانىستان دائىرىسىدە ئۈچ كۈنگىچە ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىدى، بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. گېڭ شۇاڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىز شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ئىككى تەرەپ ئافغانىستاندىكى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىپ، بىر ‐ بىرىگە بويسۇنۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، بالدۇرراق تېنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاپ،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرايلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر