خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 10-ئىيۇن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سىنگاپورغا بېرىپ، 12-ئىيۇن ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان چاۋشيەن-ئامېرىكا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق كۆردى.
پىلان بويىچە، ترامپ چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇن سېنتوسا ئارىلىدىكى كاپېللا مېھمانخانىسىدا كۆرۈشىدۇ. بۇ، چاۋشيەن-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. سىنگاپور دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭنىڭ 11-ئىيۇن ترامپ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لى شيەنلۇڭ 10-ئىيۇن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن سىنگاپورغا يېتىپ كەلگەن كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشتى.
ترامپ 10-ماي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى تۋىتتېر ئارقىلىق، 12-ئىيۇن كىم جۇڭئۇن بىلەن سىنگاپوردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىن ترامپ يەنە كىم جۇڭئۇنغا خەت ئەۋەتىپ، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ترامپ 1-ئىيۇن يەنە ئۇچرىشىشنىڭ سىنگاپوردا ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى