ئاخبارات مەركىزى 1-قەۋىتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق قورۇدىكى گۈللۈكتە، بىر نەچچە سازەندە مىللىي چالغۇلارنى چالماقتا (6-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدە، مەخسۇس مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، قالون-نەينى تەڭكەش قىلىپ ئورۇنلاش، باربىتتا يالغۇز كىشىلىك ئورۇنلاش، كوتونى كوللېكتىپ چېلىش قاتارلىق مىللىي مۇزىكا چېلىش نۆۋەتلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شەندۇڭ قەغەز قىيمىلىرى، خېزې خېمىر ھەيكەللىرى، لاۋشەن چاي سەنئىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەندوڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاخبارات مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تۈسى قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى