باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى - ماركس كلاسسىك ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2018.06.11 16:05   مەنبە: خەلق تورى

ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى - ماركس كلاسسىك ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

  سۈرەتتە: ماركسىزم-لېنىنىزم ئەسەرلىرىدىن ئۈچ توپلام: ئىلمىي سوتسىيالىزم، پەلسەپە، ماركسىزم تەرەققىي قىلىدىغان نەزەرىيە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇمىجىت ئابدۇللا خەۋىرى) كارل ماركس پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئۇستازى، ماركسىزمنىڭ ئاساسلىق بەرپاچىسى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر. ماركس 1818-يىلى گېرمانىيەدىكى بىر كىچىك شەھەر تېرىردا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدىيە — ماركسىزم قاراڭغۇلۇقتا تېنەپ يۈرگەن دۇنيانى يورۇتتى، دۇنيا تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  «كومپارتىيە خىتابنامىسى» كارل ماركس بىلەن فرىدرىخ ئېنگېلس بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ كوممۇنىستلار ئىتتىپاقى ئۈچۈن تەييارلىغان پىروگرامما، خەلقئارا كوممۇنىزىم ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى، ماركسىزمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، سېھرىي كۈچى مەڭگۈلۈك بىر كىلاسسىك ئەسەر، ماركسىزم نەزەرىيە خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك ئەسەردۇر.

  «كومپارتىيە خىتابنامىسى» 1848-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 200 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان ھۆججەت بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزدە «كومپارتىيە خىتابنامىسى» موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنزۇچە، يىزۇچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

  كارل ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىقى تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ۋە مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمەخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى - ماركس كلاسسىك ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى» 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېيىتقاندەك: بىزنىڭ ماركسنى خاتىرىلىشىمىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرغا ھۆرمەت بىلدۈرگىنىمىزدۇر، شۇنداقلا بىزنىڭ ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ماركسىزم باشتىن ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىزنىڭ دۇنيانى تونۇش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ھەقىقەتنى قوغلىشىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالىمىزدۇر. يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاۋالقىدەكلا ماركسنى ئۆگىنىشى، ماركسىزمنى ئۆگىنىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشى، ماركسىزمدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلمىي پاراسەت ۋە نەزەرىيە كۈچى ئېلىشى لازىم، تېخىمۇ تەۋرەنمەي، تېخىمۇ ئىشىنىپ، تېخىمۇ ئەقلىي ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ماركس، ئېنگىلىس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگو زېمىنىدا جانلىق نامايان قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر