باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى

2018.06.11 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 8- كۈنى خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ پۇتىننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، پۇتىننىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە جۇڭگونى تاللىغانلىقىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم، مۇستەھكەم. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي قوللاپ، ھەر قايسى ساھەدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال ئورتاق قاتنىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئۇزاققىچە تىرىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارالىق ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، كۈنسېرى يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھازىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەرقايسى ساھەدە كۈچلۈك ھەمكارلىقنى ساقلاپ، مەنپەئەتنىڭ بىرىكىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مۇھىم دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھە ھەمكارلىقىدىكى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداشتا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەت بىلەن بىللە، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، «شاڭخەي روھى»نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئۆزئارا ئېتىبار بېرىپ ۋە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېتىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇپ ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى، شۇنداقلا ب د ت، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- رۇسىيە ساھەلەر ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى، تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى ھەم بىرلىكتە جۇڭگو، چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پۇتىننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ يى، ليۇ چىباۋ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر