باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرىكمە كۈچىنى قوشايلى

2018.06.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تۈزەشتىنمۇ ئارتۇق ئامەت، مالىمانچىلىقتىنمۇ ئارتۇق ئاپەت بولماس». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ بۇ قەدىمىي تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھىلىدى.

  بىر نىيەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئەلىنىش كېرەك. 17 يىللىق قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشتىن تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن-ئاخىر رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئالدىن يۆنىلىش قىلىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، بەخت-سائادتتىمۇ، جەبىر-جاپادىمۇ بىللە بولۇش، خېيىم-خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشتەك كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئۈلگىگە ئىگە قىلدى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى 9-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ئورتاق تۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى داۋاملىق قوشىدۇ.

  ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، ھەمكارلىقى ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك

  سىياسىي جەھەتتىن ئۆزئارا ئىشىنىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 17 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، «ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تىنچلىقنى مەڭگۈ ساقلاش»تەك دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى بېكىتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يول ئاچتى.

  كامبودژانىڭ جىنبيەن خانلىق داشۆسى خەلقئارا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دالى نېك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى قولغا كەلتۈردى، كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇردى. دەل«شاڭخەي روھى» غا ئەمەل قىلىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سىغدۇرىدىغان ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيە، ئىجتىمائىي تۈزۈم، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسىنى ياراتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر