خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگېراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇنجى قېتىم تارقىتىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى»غا ئاساسەن، دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى» تەسىس قىلدى، ئوردېن دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىكلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئالىي شان- شەرىپى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى تەسىس قىلىش، تارقىتىش جۇڭگو- چەت ئەل دوستلۇقىدىكى تىپلارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، دۇنياغا دوستلۇق، تىنچلىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق ئاساسىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى» ئالتۇن رەڭ ۋە كۆك رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان بولۇپ، تىنچلىق كەپتىرى، يەرشارى، قول ئېلىشىش، نېلۇپەر گۈلى قاتارلىق ئېلمىنتلار چۈشۈرۈلگەن، ئوردېن زەنجىرىگە جۇڭگو تۈگۈچى، رۇخسارگۈل، مۇدەنگۈل،قاشتېشى، كەترەن قاتارلىق ئېلمېنتلار چۈشۈرۈلگەن، ئوردېننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى كەشتىلەش، نەقىشلەش، جىڭتەيلەن قاتارلىق ئەنئەنىۋى سەنئەت بىلەن قولدا ياسالغان. ئوردېن لايىھەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەر قايسى ئەل خەلقى بىلەن دوستانە، ئىتتىپاق ئۆتۈشىگە، دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلگەن.
6-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى تارقىتىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوردېن تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى