باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشنى بىردەك قارار قىلدى

2018.06.08 16:33   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق سارىيىدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قازاقىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ مۇھىم قوشنا دۆلىتى، شۇنداقلا تەسىر كۈچكە ئىگە رايون چوڭ دۆلىتى. جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىللە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىدا بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ. سىز بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ رولچىسى بولۇپ يول باشلاشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن قازاقىستان ئارزۇسىدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ھەم بىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىمىز ئەكس ئەتكەن. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، پارلاق نۇر چاچىدۇ. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، قازاقىستان بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بەش يىل ئىلگىرى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا، نەزەربايېۋ داشۆسىدە تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا خەلقئارا جەمئىيەت پائال ئاۋاز قوشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ دەل دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئېقىمىغا، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، ھەمكارلىقىنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغانلىقىدا. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھەمكارلىقى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. ئىككى تەرەپ سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى بىلەن «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىساد سىياسىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سېلىنما، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈپ، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ بىر پۈتۈن ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنى رايون خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  نەزەربايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ دوستانە قوشنا دۆلىتى ۋە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. قازاقىستان قازاقىستان-جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى قازاقىستانغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. قازاقىستان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قازاقىستاننىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قازاقىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدۇ. قازاقىستان «پارلاق يول» يېڭى ئىقتىساد سىياسىتىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر