باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭشىڭ شىركىتى يېڭىدىن يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

2018.06.08 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس 7-ئىيۇن جۇڭگو جۇڭشىڭ ئالاقىچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن يېڭىدىن يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسنىڭ شۇ كۈنى جۇڭشىڭ ئالاقىچىلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ جەرىمانە تۆلەشكە ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تەدبىر قوللىنىشقا قوشۇلۇپ، بۇنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرىدىن زاپچاس سېتىۋېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى ئېيتىلدى.

  باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى يارىشىش كېلىشىمىگە ئاساسەن جۇڭشىڭ شىركىتى 1 مىليارد دوللار جەرىمانە تۆلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەييارلاپ 3-تەرەپنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جۇڭشىڭ شىركىتىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.

  جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق خەۋەرلىشىش ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 130 مىڭغا يېقىن يۇقىرى تېخنىكا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى قوللايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى قويۇق بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭشىڭ شىركىتىگە قارىتىلغان ئېكسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى جۇڭشىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى كۇالكوم، ئىنتېل قاتارلىق بۇ تەمىنلەش كارخانىلىرىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر