باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىملار شىمالىي جۇڭگو بويىچە ھازىرچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان يىلپىز تۈرلىرى توپىنى بايقىدى

2018.06.08 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىزلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يولۋاس ۋە يىلپىزلارنى تەتقىق قىلىش ئەترىتى يېقىندا سىرتقا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئىلمىي بايقاشلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، ئالىملار ئۇزۇن مۇددەتكىچە دالىلاردا كۆزىتىش قىلىش ئارقىلىق، شەنشىنىڭ يەنئەندىكى زىۋۇلىڭ ئورمانلىقى رايونلىرىدا شىمالىي جۇڭگو بويىچە ھازىرچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان يىلپىز تۈرلىرى توپىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەنشى ئۆلكىسى زىۋۇلىڭ ئورمانلىقى رايونى ۋە سەنشى تەيخاڭشەن ئورمانلىقى رايونىدا شىمالىي جۇڭگو يىلپىزلىرىنىڭ مۇھىم تۈرلىرى توپىنىڭ تارقالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  شىمالىي جۇڭگو يىلپىزلىرى بولسا، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان تۈرى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە يىلپىزلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ لىمىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، تەتقىقات ئەترىتىمىز شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنئەن زىۋۇلىڭ ئورمانلىقى رايونىدىكى 800 كۋادرات كىلومېتر كۆلەمدىكى مەركەزلىك تەكشۈرۈش رايونى ئىچىدە ئاز دېگەندە 28چە شىمالىي جۇڭگو يىلپىزلىرىنى سۈرەتكە ئالدى. بۇ، نۆۋەتتە جۇڭگو تەۋەلىكىدە بايقالغان ھەمدە تارقىلىش زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىلپىزلار توپى رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر