- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
10-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى
ۋاڭ ياڭ مۇنبەرگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى
2018.06.07 15:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى 6-ئىيۇن شيامېندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ يىلتىزى بىر، يېزىقى، ئىرقى ئوخشاش، قېرىنداش، تومۇرداش بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە ھەر قايسى پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى. بۇ نۇقتىنى ياخشى قىلساقلا، ھەر قانداق پارتىيە ۋە تەشكىلات چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئالاقە قىلغاندا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى دۈشمەنلىشىش ۋە قارشىلىشىشقا كۈشكەرتىدۇ، ئۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنىڭ ئەڭ زور تەھدىتى، چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىز تەيۋەن كارخانىلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئالدىن بەھرىلەندۈرۈپ، «ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتە تەيۋەن كارخانىلىرىغا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كارخانىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر