سۈرەتتە: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئۆزئارا مۇھىم دوستانە قوشنا دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 26 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئىيۇن زۇڭتۇڭ ئەپەندىم بىلەن جۇڭگو- قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى، بۇ جۇڭگو- قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو- قازاقىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندىم بىلەن نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى بىرلىكتە پىلانلىدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى راۋجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قازاقىستان بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قازاقىستاننىڭ «پارلاق يول» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زور مەنپەئەتلەرنى يۇغۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى