- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نامراتلارنى تور ئارقىلىق يۆلەشنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلدى
2020-يىلىغا بارغاندا، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تاقىتىلغان نامرات كەنتلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98 تىن ئاشۇرۇلىدۇ
2018.06.07 15:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 2018-يىلىغا بارغاندا، «%90 تىن ئارتۇق نامرات كەنتنى كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلاش» نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداش؛ 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا تاقىتىلغان 122 مىڭ 900 نامرات كەنتنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %98 تىن ئاشۇرۇش...سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا «نامراتلارنى تور ئارقىلىق يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)»نىڭ ئۇقتۇرۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۇقتۇرۇش دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق نامراتلارنى تور ئارقىلىق يۆلەشنىڭ ۋەزىپە-نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا نامرات كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق تور ئورنىتىش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش چۆرىدىلىپ، ئۈچ جەھەتتىن ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، نامرات كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق تور ئورنىتىش ھېساباتىنى دەل جايىدا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىككىنچى، تېلېگراف ئومۇمىي مۇلازىمىتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىلغان 43 مىڭ نامرات كەنتتىكى ئوپتىك تالالىق تور قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ۋەزىپىنىڭ ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، 4G تورى بىلەن قاپلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ 4G تورى بىلەن قاپلىنىشىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر