باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى كۆكخوت شەھىرى بىلەن بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2018.06.07 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، خەلق تورى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرى ئارا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى ئاخبارات بىناسى خەلق تورى 1- نومۇرلۇق قويۇپ تارقىتىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ كۆكخوت شەھىرى چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ كېڭەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىپ قوللاش، يۇغۇرۇلما تاراتقۇلار قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقە ھەمكارلىقى، خاس كىچىك بازار قۇرۇلۇشى، يېڭى تاراتقۇلار ئاقىللار ئامبىرى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا، توردا تارقىتىش ۋە تور سىرتى پائالىيىتىدە چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى ئېلىپ بارماقچى بولدى. خەلق گېزىتى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى جۇڭۋېن، خەلق تورىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى تاڭ ۋېيخۇڭ، كۆكخوت شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شۆفېڭ، خوخخوت شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ جىپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  تاڭ ۋېيخۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق تورىنىڭ كۆكخوت شەھىرى بىلەن ناھايىتى چوڭقۇر تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى بار. 2016- يىلى، خەلق تورى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى كۆكخوت شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. خەلق تورى بولسا، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات تور بېكىتىدۇر، شۇنداقلا خەلقئارا ئالاقە تورىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ: جۇڭگو تىلى يېزىقى نۇسخىسىدىن باشقا، خەلق تورىدا يەنە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە توققۇز خىل چەتئەل يېزىقىدىكى نۇسخىلىرى بار؛ خەلق تورىنىڭ قانۇنىي ئىگە مىكرو بىلوگ مەستانىلىرىنىڭ سانى 85 مىليونغا يەتتى، بارلىق تور پونكىتلىرى ئورگان بىلوگى ھېسابات نومۇرى ئىچىدە ئۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ نۆۋەتتە خەلق تورىنىڭ قانۇنىي ئۈندىدار مەستانىلىرىنىڭ سانى ئالتە مىليونغا يەتتى. كۆكخوت شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىدا، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار، مەدىنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ۋە ئەلا سۈپەتلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان تۈر بەرپا قىلىش، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر قاتلامدا ۋە كۆپ ساھەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، خەلق تورى يەنە كۆكخوت شەھىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2018- يىللىق كۆكخوت مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى. بىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ مۇسابىقىنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق مۇسابىقە تۈرى قىلىپ تۇرغۇزۇپ چىقىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر