باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى: بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ

2018.06.07 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتىدىن ئۇقۇشىمچە، 6-ئىيۇنغىچە، يازلىق ئاشلىقتىن %50 ھوسۇل ئېلىنغان. يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن. يازلىق ئاشلىق ئاساسلىقى بۇغداي بولۇپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سالىدىكەن.

  بۇ يىل يازلىق ئاشلىقنىڭ ياخشى ھوسۇل بېرىشى مەركەزنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شۇنداقلا جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرغانلىقى ۋە ئەلالاشتۇرغانلىقىدىن بولغان. بىر جەھەتتىن سىياسەتنىڭ يېتەكلەش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. دۆلەت بۇ يىل بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ھەر جىڭىنى 0.03 يۈەن تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كاپالەتلىك قىلىش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان، بۇغداينىڭ بازار باھاسى مۇقىملىقنى ساقلاپ، دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىش كىرىم كۆزلىمىسى مۇقىم بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن، پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولى كۈچەيگەن. بۇغداي ئۈچ چوڭ ئاشلىق ئىچىدە تېخنىكا توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى ۋە ماشىنىلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى زىرائەت، بولۇپمۇ خۇەيخې، خەيخې رايونىدا ماشىنىلىق مەشغۇلاتنى ۋاسىتە قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن، يېشىل ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسرايدىغان بىر يۈرۈش تېخنىكا ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، بۇغداينىڭ ئىشلەپچىقىرىش پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل بۇغداينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرا، سۇنىڭ ماسلىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، بۇغداينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مەھسۇلاتنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر