باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جازالاشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش قانۇنىغا ئىمزا قويدى

2018.06.05 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4- چېسلا قانۇن ھۆججىتى ئىمزالاپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ روسىيەگە قاراتقان جازالاش تەدبىرلىرىگە تاقابىل تۇردى.

  روسىيە قانۇن ئۇچۇرلىرى ئورگان تور بېكىتى 4- ئىيۇن پۇتىن ئىمزالىغان بۇ بىر پارچە قانۇن ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى. ھۆججەت ئىسمى «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بولمىغان ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان (تاقابىل تۇرىدىغان) تەدبىر توغرىسىدىكى قانۇن». مەزكۇر ھۆججەت 22- ماي كۈنى روسىيە دۆلەتلىك دۇما (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى)نىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 30- ماي كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى) تەرىپىدىن تەستىقلانغان.

  ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىدا، روسىيەنىڭ مەنپەئىتى، بىخەتەرلىكى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بولمىغان ھەرىكىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. بۇ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بولسا، ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتكە ۋە رۇسىيە، رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىگە دوستانە بولمىغان دۆلەتلەرگە، ھەمدە رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالاشقا قاتناشقان، مۇشۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇلارنىڭ كونترول قىلىشىنى قوبۇل قىلغان ئاپپاراتلار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە پۇقرالارغا ئۇيغۇن كىلىدۇ.

  تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنىڭ شەكلى بولسا، دوستانە بولمىغان دۆلەت ياكى ئاپپاراتلار بىلەن بولغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى توختىتىش ياكى ۋاقىتلىق ئاخىرلاشتۇرۇش؛ دوستانە بولمىغان دۆلەت ياكى ئاپپاراتلار بىلەن بولغان مەھسۇلات سودىسى ۋە خام ئەشيالار ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى قاتارلىقلارنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش؛ مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇشى ياكى كونترول قىلىشىنى قوبۇل قىلغان ئاپپاراتلارنىڭ روسىيە ھۆكۈمىتىدىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرى ۋە دۆلەت مۈلكىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، روسىيە ھۆكۈمىتى تۈرلۈك مۇناسىپ ھالدىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ. بۇ يېڭى قانۇن ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكا ئىلگىرى روسىيەنىڭ كۆپ قىسىم شەخسىي ۋە ئەمەلىي گەۋدىلىرىگە قارىتا جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر