باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 50 كىشىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئېلان قىلدى

2018.06.07 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ خەلقئارالىق قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانىنى ھازىرلىغان. مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانلىقىدا، مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلار، تارماقلار پائال ھەرىكەتلىنىپ، ماس ھەمكارلىشىپ، قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدە مۇھىم باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2018-يىلى 4-ئايغىچە، «ئاسماندا تور ھەرىكىتى» ئارقىلىق 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا قېچىپ كەتكەن 4141 كىشى قايتۇرۇپ كېلىنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت خىزمەتچىسىدىن 825ى، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى»دىن 52سى باركەن، 10 مىليارد يۈەن ھارام مال قايتۇرۇۋېلىنغان.

  چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىش ھەرىكىتى خەلقنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ، خەلق ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسى 2017-يىلى 4-ئايدا «چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن قىسمەن كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىق يىپ ئۇچى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى» ئىچىدىكى تۇتۇلمىغان 22 كىشىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىق يىپ ئۇچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئېلان قىلىنىشى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ئامما، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلار ۋە مۇھاجىرلار چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى تېپىپ، قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىشقا ياردەملەشتى. ھازىرغىچە، يۇقىرىقى «ئۇقتۇرۇش»تىكى رېن بياۋ، شۈ شۆۋېي، ليۇ چاڭكەي، خۇاڭ خۇڭ، خې جيەن، لى ۋېنگې قاتارلىق «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 جىنايەتچى»دىن ئالتىسى ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ قېتىم «ئۇقتۇرۇش»نى قايتا ئېلان قىلىشتا ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئاممىنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ، قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ قاپقىنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەرگە يوشۇرۇنىدىغان جاي قويماسلىق مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاش قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداشقىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر