باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن: مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەرتىپلىك تەڭشەش كېرەك

2018.06.06 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارار» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى چېتىلىدىغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «قارار»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى چېتىلىدىغان قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى»دا بېكىتىلگەن پىرىنسىپ بويىچە، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمىتىنى تەكشى، تەرتىپلىك تەڭشەپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش، فۇنكسىيەسىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «قارار»نىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، «گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى»دە، قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەمۇرىي ئورگان ياكى مەسئۇلىيىتى ئايرىلغان مەمۇرىي ئورگان ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى، ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ئۆزگەرتىلىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەڭشەپ تەتبىقلىنىپ، قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مەمۇرىي ئورگان ياكى مەسئۇلىيىتى ئايرىلغان مەمۇرىي ئورگان ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى؛ ئالاقىدار مەسئۇلىيەت تەڭشىلىشتىن بۇرۇن، بۇ مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەتنى ئەسلىي ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي ئورگان داۋاملىق ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بېكىتىلدى. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەتنى تەڭشەش زۆرۈر بولسا، يۇقىرىدىكى پىرىنسىپ بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر