باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى

___ «دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى توغرىسىدا

2018.06.06 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 يىل ئىلگىرىكى 5-ئىيۇن «دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قاتلىمىغا كۆتۈرۈلۈپ، بىر تۈرلۈك كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيە ھەيۋەتلىك مۇساپىسىنى باشلىدى.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى مىسلىسىز ھاياتىي كۈچ، ئىجادىيەت كۈچى، تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى

  10 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يىراقنى كۆزلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. نۇرغۇن كەشپىياتچى، يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بېيىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى» تېز سۈرئەتتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى مەۋج ئۇردى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلىرىدە مىسلىسىز ھاياتىي كۈچ، ئىجادىيەت كۈچى، تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.

  10 يىلدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان، تارماقلار، جايلار ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتى سىستېمىسى شەكىللەندى. مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى ئۇدا توققۇز يىل «دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»نى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، يىللىق ئىستراتېگىيە خىزمىتىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى تۈزۈش ياكى يولغا قويۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر