باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان 201 كارخانىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

2018.06.06 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا «دورىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنىڭ 2018-يىللىق پىلانى»نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر «پىلان»دا كۆرسىتىلىشىچە، «دورا باشقۇرۇش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قائىدە-نىزاملارغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز يېقىندا پىلاندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن مەملىكەت بويىچە دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان 201 كارخانىنى بىر-بىرلەپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدىكەن. بۇ تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا جۈملىدىن 2017- يىلىدىكى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بىرقەدەر كۆپ مەسىلە بايقالغان 38 كارخانا، ۋاكسىنا تۈرىدىكى بىيوبۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 40 كارخانا، قان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 28 كارخانا، ناركوز، روھىي كېسەللىكلەر دورىسى ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 15 كارخانا، بازارغا كىرىشى يېڭىدىن تەستىقلانغان ئوكۇل-دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 60 كارخانا دېگەندەك بىرمۇنچە كارخانىلار كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن 20سى مەخسۇس تۈردە تەكشۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «دورىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنىڭ 2018-يىللىق پىلانى»نى دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ يېمەكلىك-دورا تەكشۈرۈش مەركىزى كونكرېت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن. تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشتىكى چۆچۈتۈش رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پىلانى سىرتقا ئاشكارىلانمايدىكەن. تەكشۈرۈشتە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنماي، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» پىرىنسىپى بويىچە، بايقالغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر