6- ئاينىڭ 4- كۈنى، يەمەننىڭ سانادا، جامائەت سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى دېزىنفېكسىيە دورىسى پۈركۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خولېرا يۇقۇم ئەھۋالى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە كۆپ دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەمەنگە دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قامال قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، يەمەندە يىمەكلىك، دورا ۋە باشقا ماددىي ئەشيالار قىس بولۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا، خولېرا ۋە بوغما قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يامراپ كېتىۋاتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى