باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر تېخنىكا بانكىسى تۈركىيەدە تىجارەت باشلىدى

2018.06.05 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت نىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر تېخنىكا بانكىسى 4- ئىيۇن تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر گەبزەدە تىجارەت باشلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شۇ ئورگاننىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولسا، دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

  ب د ت نىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە مۇھەممەد شۇ ئىش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ب د ت نىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر تېخنىكا بانكىسىنىڭ بۇ يەردە تىجارەت باشلىشى ب د ت سېستىمىسى تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر