باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى

2018.06.07 15:07   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئىيۇن خەلق سارىيىدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ ژېنبېكوۋنىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يەنە بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. يېڭى تارىخىي پەللىدە، جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە دوستلۇق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئەڭ بۇرۇن قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىللە تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە تۈرلىرىنى ئورتاق ياخشى پىلانلاپ، ئىقتىساد – سودا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئادىمىيەت ھەمكارلىقى ۋە يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى كۈچەيتىش؛ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە چېگرا ھالقىپ تەشكىللىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ قىرغىزىستان بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يولنى بويلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…
    ·بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئالاھىدىلىكلەر بار؟
    ·دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى شۆھرەت تىزىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ياشلىققا تەقدىم
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشىغا يۇقىرى بېسىملىق زەربە بېرىش…
    ·ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، …
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىد…