باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.06.07 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تۈرلۈك ئىسپاتلاش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى تېخىمۇ كۆپ باش قېتىقچىلىقىنى تۈگىتىش قارار قىلىندى؛ سەمىمىيلىكنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئىختىيارىي تاللاپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خادىمىنى ئىختىيارىي تاللاپ ئەۋەتىپ، تاللاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئاشكارىلاش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. بىرىنچى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈندىلىك تەكشۈرۈشىدە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تولۇق ئاشكارىلاش كېرەك. ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەخسۇس ياكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغاندىمۇ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىلىرىنى رەتكە سېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، تارماق ھالقىپ ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش، بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ، كۆپ قاتلام تەكرار قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئازايتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باھالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يىغىندا ئالاقىدار تارماقلاردىن بازار ئادىللىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر