باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈن چۈنلەن: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل-ھەققانىي بولۇشىنى قوغداش كېرەك

2018.06.06 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىگە بېرىپ، 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھان ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئالاقىدار جايلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانى، ئىمتىھان قەغىزىنى ساقلاش ۋە تارقىتىش ئورنى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا دىجورنىلىق قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي سالام يوللاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى مۇلازىمەت-كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن ھەر قايسى تەرەپلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

  سۈن چۈنلەن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مائارىپنىڭ ئادىللىقى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم بولۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ئادەم تاللاش، ئادەم تەربىيەلەش مۇھىم بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىشنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش ۋە يېتىشتۈرۈشتىكى يادرولۇق ئورنىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  سۈن چۈنلەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى. جايلار، تارماقلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئىمتىھان سوئالى، ئىمتىھان قەغىزى بىخەتەرلىكى ۋە ئىمتىھان مەيدانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان ئىستىلى ۋە ئىمتىھان ئىنتىزامىنى قاتتىق چىڭىتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ۋە كوللېكتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك. بۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەشكىللەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بولۇپ، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، ئامانلىق باشقۇرۇش، سەھىيە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەتنى كۈچەيتىپ، خاتىرجەم، ئازادە ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. ئۇ يەنە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر