باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنى جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2018.06.07 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ يېقىندا 52-B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى نەنشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتكەنلىك ئىشىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6-ئىيۇن ئامېرىكا تەرەپنى جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى، چۈنكى زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىشنىڭ خەۋپ- خەتىرى بار، چاتاق چىقارسا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە جۇڭگونىڭ ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىزنى ‹ھەربىيلەشتۈرۈش› مەسىلىسىنى كۆپتۈرگەن ئىدى، ئەمدى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ 52- Bتىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئالاقىدار ھاۋا بوشلۇقىغا ئەۋەتتى. مەن ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن».

  خۇا چۇنيىڭ: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ 52-B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاندىن ئىبارەت بۇنداق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك قورالنى جەنۇبىي دېڭىزغا ئەۋەتىشى ‹ھەربىيلەشتۈرۈش› بولامدۇ- يوق؟ 52-B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا كېلىشىمۇ يۈرۈش-ئۇچۇشنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈنمۇ؟! ئەگەر بەزىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك تولۇق قوراللانغان ھالدا ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەيۋە قىلسا، ئۇنى-بۇنى مارىلىسا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئېھتىيات ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارىڭىزنى كۈچەيتىشىڭىز كېرەكمۇ-يوق؟»، دېدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپكە بىر قانچە سەمىمىي مەسلىھەت بېرەي: بىرىنچى، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ‹ھەربىيلەشتۈرۈش› مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشنى توختىتىپ، قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ توقۇماسلىق كېرەك؛ ئىككىنچى، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىشنى توختىتىشى كېرەك، چۈنكى زورلۇق- زومبۇلۇق قىلىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى بار، چاتاق چىقارسا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو ھېچقانداق ئاتالمىش ھەربىي پاراخوت، ھەربىي ئايروپىلاندىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايدۇ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالدا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر