باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق بىرلىكتە ھۆججەت تارقىتىپ ئاپپاراتلار ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

2018.06.07 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ سىلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە «مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئۆزگىرىش بولغان تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان مۈلۈكلەرنى ئېنىقلاش، ئاجرىتىپ يۆتكەش، قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مۈلۈكنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ۋاقتىدا، تەرتىپلىك، جايىدا تەڭشىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا «تۈرلەر بويىچە سىياسەتنى يولغا قويۇش، تەرتىپلەرنى ئىخچاملاش، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەش، ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، قىسمەن، بىر پۈتۈن، ئارمىيە- يەرلىكنى ھالقىغان، مەركەز ۋە يەرلىكنى ھالقىغان مۈلۈكلەرنى ئاجرىتىپ يۆتكەشكە ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپى تۆت تۈرگە ئايرىلىپ بەلگىلەندى، ئىشخانا ئۆيى، يەر، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى قاتارلىق نۇقتىلىق مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر