- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو بانكىسىنىڭ چىلى شۆبە بانكىسى سانتىياگودا تىجارەت باشلىدى
2018.06.08 15:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكىسىنىڭ چىلى شۆبە بانكىسى 6- ئىيۇن چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا تىجارەت باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جۇڭگو مەبلىغى بانكىسىنىڭ چىلىدا ماكانلاشقان ئىككىنچى بانكىسى بولۇپ قالدى. چىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ھەم سابىق زۇڭتۇڭى ئېدۇۋاردو فرەي تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بانكىسىغا قاراشلىق چىلى شۆبە بانكىسىنىڭ چىلىدا تىجارەت باشلىغانلىقى چىلى-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم ئىككى دۆلەت پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر