باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە «قايتا نازارەت قىلىش»قا ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018.06.08 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 5-گۇرۇپپىسى 7-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن نەننىڭدا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ «قايتا نازارەت قىلىش» خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. مەركەزنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە «قايتا نازارەت قىلىش»قا ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى «قايتا نازارەت قىلىش»نىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە تايىنىپ، مەركەزنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەقسەتكە يەتمىگىچە ھەرگىز توختىماسلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، نازارەت قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) لارنىڭ كونرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى ماس قەدەمدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋېنتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، 1-تۈركۈمدىكى «قايتا نازارەت قىلىش»قا ئورۇنلىشىش ۋاقتى بىر ئاي. ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) لارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار پاش قىلىش خېتى ۋە پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدۇ، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8:00 دىن 20:00 گىچە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر