باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرى باشتىن- ئاخىر مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇلۇپ، تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا، قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2018.06.08 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى 7- ئىيۇن ئاچقان دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو كەسپنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، بازار يوشۇرۇن كۈچى، يۇقىرى ساپالىق ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. سودا مىنىستىرلىقى تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا، قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونى چەت ئەل سودىگەرلىرى باشتىن- ئاخىر مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرىدۇ.

  چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا غەيرىتى بار

  ئومۇمەن قارىغاندا، دۆلىتىمىز چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىدا، كەسپ زەنجىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. بۇ يىل ئالدىنقى 4 ئايدا، دۆلىتىمىز يۇقىرى تېخىنىكا كەسپلەردە قوبۇل قىلغان چەت ئەل مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.2 ئېشىپ، ئىگىلەش نىسبىتى %20.8 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ %79.5 كە يېتىپ، ياسىمىچىلىقتا قوبۇل قىلغان چەت ئەل مەبلىغىنىڭ %34.9 نى ئىگىلىدى.

  كەسكىن خەلقئارا مەبلەغ جەلىپ قىلىش رىقابىتى دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ سىجىل كۈچىيىۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسپلەرنى يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى، يۇقىرى ساپالىق ئادەم كۈچى بايلىقى، ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىۋاتقان تىجارەت- سودا مۇھىتى، زور بازار يوشۇرۇن كۈچى بولۇپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى باشتىن- ئاخىر مەبلەغ سالىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىشغا تۈرتكە بولىدۇ.

  سودا مىىنىستىرلىقى مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋېتىش،ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، تېخىمۇ ئادىل، ئاشكارا، قولايلىق بولغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىدىغان يېڭى يارقىن نۇقتا ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردە چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى يېڭى ئىگىزلىككە تىرىشىپ ئايلاندۇرىدۇ.

  سودا مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغىنىڭ كۆپرەك ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىغا سېلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتىن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش؛باج، يەر ئىشلىتىش، كرېدىت جەھەتلەردە ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ چېگرا ھالقىغان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت قاتناش كارىدورىنى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول»ھەمكارلىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كېتىشىگە مەدەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر