باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بالىلار يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىستېمالىغا قارىتا ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى

2018.06.08 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىستېمالىغا قارىتا ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى. مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: بالىلار ياز پەسلىدە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ئېھتىياتچان بولۇشى، ئۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئەدەتتىكى سۇنىڭ ئورنىدا ئىچمەسلىكى كېرەك. ئاچ قورساق ھالدا ياكى تاماقنى يەپ بولۇپ ئارقىدىنلا دەرھال سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ؛ جىددىي ھەرىكەتتىن كېيىن دەرھال كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ؛ سوغۇق ئىچىملىكتىن كېيىن دەرھال ئىسسىق سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى، ئۇنداق قىلغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى قان تومۇرلار كۆپ غىدىقلىنىپ كېتىدۇ-دە، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ، بۇنىڭدىن ھەتتا ئىچى سۈرۈش ياكى يۇتقۇنچاق قىسمى ئاغرىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىچىملىكلەرنى سۇنىڭ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ.

  يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سىرتقا ئويناتقىلى ۋە تاماق يىگۈزگىلى ئېلىپ چىقىدۇ. بۇلارغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يېمەكلىك تازىلىقى جەھەتتىكى دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، بىخەتەرلىك شارائىتى بىر قەدەر ياخشى ۋە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ئاشخانىلارغا ئاپىرىشى، ھەمدە ئۇ ئاشخانىلاردا يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى دېگەندەك كىنىشكىلارنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر