6-ئاينىڭ 6-كۈنى، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا، پاكىستان زۇڭتۇڭى مەمنۇن ھۈسەيىن (ئوتتۇرىدا) جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان زۇڭتۇڭى مەمنۇن ھۈسەيىن جۇڭگوغا كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئىسلامئابادتا جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش مەزمۇن قىلىنغان «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسى بولۇپ قالغۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى